150

Ben bir Akıncıyım,

Şiarım, Mazlumun yanında zalimin karşısında olmaktır. Zulme rıza gösteremem.

1974/1975 Eğitim döneminde Tokat'ta MTTB Başkanlığı yaptım.

Ben bir Akıncıyım,

6 Eylül 1980 tarihinde gerçekleştirdiğimiz, Filistin mitingi başta olmak üzere merhum Erbakan hocamız hayatta iken düzenlenen bütün Filistin mitinglerinin ve hatta 2009 yılında İstanbul Çağlayanda yapılan, “Doğu Türkistan Urumçi Katliamını Protesto mitingi” dahil mitinglerin teklifini yapmak ve mitinglerin tertip edilmesi için önderlik etmek nasip oldu. Çok şükür.

Siyaset yolculuğumu merhum Erbakanla yaptım.

Ben bir Akıncıyım,

Akıncı Spocular Derneği Genel Başkanlığını yaptım.

Akıncı Gençler Derneğinin kurucularındanım.

12 Eylül 1980 askeri müdahalesinde tutuklandım idamla yargılandım.

Dedim ya ben Akıncıyım!

Kırk gün bir metre kare dahi olmayan zifiri karanlık hücrede tutuldum. On altı defa sorguya, işkenceye alındım.

Çin işkencesi yaptılar!

"Seni idam edeceğiz" dediler,

"Allah ne dilerse o'dur" dedim.

O karanlık günleri “Mamak Zindanlarında Bir Akıncı Tarihe Notlar” kitabımda geniş olarak anlattım.

Dedim ya, adım Müslüman

Soyadım Doğu Türkistan!

Ben bir Akıncıyım!

 

Doğu Türkistan kan ağlıyor!

Türkiye’de ne kadar Doğu Türkistanlı muhacir var?

Siz deyin kırk bin, ben diyeyim elli bin!

Doğu Türkistan'dan eğitim için Türkiye'ye gelen Doğu Türkistan’a dönemeyen bir hanım kızımız, "hocam; bizim Kaşgarda evimiz köşk gibiydi. Şimdi başımızı sokacağımız bir oda bile yok!.." diyor,

Doğu Türkistanlı kardeşlerimiz onurlu, mütevazi ve samimi kardeşlerimiz, kimseye derdini söylemekten içtinap ediyorlar!

Ramazan-ı şerifi fırsat bilin.

Onları görüp, gözetin..

..

Emniyet Görevlileri,

Doğu Türkistanlı kardeşlerimizi korkutmayınız. Sıkıştırmayınız!

Çoğunun kimliği yok. Çoğunun oturum izinleri sorunlu, çoğunun vatandaşlığı yok!

Çocukları var.

Kimlikleri yok!

Eğitimleri zorluklarla dolu,

Dul ve yetimler var!

Kimsenin arayıp sormadığı !

Hakimler, Savcılar,

Karşınıza getirilen doğu Türkistanlı kardeşlerimiz “muhacirdir” muhacirlerin hakları vardır. Muhacirlerin hakkını gözetiniz!

Peygamberimiz de muhacir oldu. Unutmayınız!

Peygamberimiz Medine’ye hicret edince Medine halkı muhacir Peygamberimiz ve hicret arkadaşları ile ekmeklerini, aşlarını varlıklarını paylaşmak için yarıştılar!

Siyasetçiler,

Doğu Türkistanlı kardeşlerimizin sıkıntılarını gideriniz! Doğu Türkistan lı kardeşlerimize hiç zaman kaybedilmeden vatandaşlık verilmelidir.

Türkiye Müslüman Türk yurdudur. Türkiye'nin nüfus artış hızı S.O.S vermektedir. Doğu Türkistan muhaciri kardeşlerimizi Türkiye'den gitmelerini teşvik etmeyi bırakın, dünyanın neresinde olurlarsa olsunlar Doğu Türkistan muhacirleri Türkiye’ye davet edilmelidir. Doğu Türkistanlı kardeşlerimiz Türkiye’ye nüfus açısından can suyu olacaktır. Dualarını alınız gönüllerini kırmayınız!

Muhacirin, mazlumun gönlünü kırmaya gelmez!

Mazlumla Allah cc'nun arasında perde yoktur.

Bunu unutmayınız.

..

Doğu Türkistanlıları,

Arakan mazlum halkını,

Gazze ve Afrika mazlumlarını unutmayınız!

Ümmetin umudu,

Mazlumların umudu

Türkiye ve aziz milletimizdir.

..

Türkiye büyük devlettir.

Milletimiz hamiyetperverdir.

Buna tarih şahittir.

Bundan sonra da böyle olacaktır.

Ramazan-ı şerif mazlum kardeşlerimizin felaha ermesine vesile olsun.

Devletimiz, milletimiz dünya var oldukça var olsun.

Vesselam

ئىسمىم مۇسۇلمان، فامىلەم شەرقىي تۈركىستان. مەن بىر ئاقىنچىمەن(چەۋەندازمەن).

مەن بىر ئاقىنچىمەن.

شۇئارىم — مەزلۇمنىڭ يېنىدا، زالىمنىڭ قارشىسىدا بولۇش. زۇلۇمغا رازى بولالمايمەن.

1974–1975 ئوقۇش يىلىدا توكات شەھرىدە MTTB (مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى):  رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلدىم.

مەن بىر ئاقىنچىمەن.

1980-يىلى 6-سېنتەبىردە ئۆتكۈزگەن باشتا پەلەستىن چوڭ يىغىلىش بولۇپ، مەرھۇم ئەرباكان ئۇستدىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق پەلەستىن يىغىلىشلىرى، ھەتتا 2009-يىلى ئىستانبۇل چاغلاياندىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق يىغىلىشى»نىڭ ئۆتكۈزىلىشىنى تەكلىپ قىلىنىش ۋە تەشكىللىنىشىگە باشلامچىلىق قىلىش ماڭا نېسىپ بولدى.

ئەلھەمدۇللىلاھ.

سىياسىي سەپىرىمنى مەرھۇم ئەرباكان بىلەن باشلىدىم.

مەن بىر ئاقىنچىمەن.

ئاقىنچى تەنھەرىكەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلدىم.

ئاقىنچى ياشلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىمەن.

1980-يىلى 12-سېنتەبىردىكى ھەربىي سىياسى ئۆزگۈرشتىن كېيىن قولغا ئېلىندىم، ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەيپلىنىپ سوتلاندىم.

دېدىمغۇ، مەن بىر ئاقىنچىمەن!

قىرىق كۈن بىر مېتىر كۋادراتمۇ كەلمەيدىغان قاراڭغۇ ھۆجرىگە سولاندىم.

ئون ئالتە قېتىم سوراققا ۋە قىيناققا ئېلىندىم.

ماڭا «خىتاي قىينقىي(چىن ئىسكەنجىسى)» ئۇيغۇلىدى.

«سېنى دارغا ئاسىمىز» دېدى.

مەن:

«ئاللاھ نىمىنى خالىسا، شۇ بولىدۇ» دېدىم.

ئۇ قاراڭغۇ كۈنلەرنى «ماماق زىندانلىرىدا بىر ئاقىنچى — تارىخقا خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىمدا كەڭ بايان قىلدىم.

دېگەنمەنغۇ:

ئىسمىم مۇسۇلمان،

فامىلەم شەرقىي تۈركىستان!

مەن بىر ئاقىنچىمەن!

شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ!

تۈركىيەدە قانچە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر بار؟

سىلەر دەيسىلەر قىرىق مىڭ، مەن دەيمەن ئەللىك مىڭ!

شەرقىي تۈركىستاندىن ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ، ۋەتىنىگە قايتالمىغان بىر قىز مۇنداق دېدى:

«ئۇستاد، بىزنىڭ قەشقەردىكى ئۆيىمىز قەسىرگە ئوخشايتتى. ھازىر بولسا بېشىمىزنى سۇقۇدىغان بىر يەمۇ يوق.»

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز — غۇرۇرلۇق، كەمتەر، سەمىمىي ئىنسانلار.

ئۇلار باشقىلارغا دەردىنى ئېيتىشتىنمۇ تارتىنىدۇ.

رامىزان شەرىپنى پۇرسەت بىلىڭلار.

ئۇلارنى كۆرۈپ-كۈزىتىڭلار، دەستەكلەڭلار.

خەۋپسىزلىك خادىملىرى!

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قورقۇتماڭلار، قىيىن- قىستاق قىلماڭلار!

ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە كىملىك يوق.

كۆپچىلىكىنىڭ ئولتۇرۇش ئىجازىتى مەسىلىسى بار.

كۆپچىلىكىنىڭ پۇقرالىقى يوق.

ئۇلارنىڭ بالىلىرى بار.

لېكىن كىملىكى يوق.

ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشلىرى قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان. ھىچكىم ھالىنى سورمىغان

يېتىم-يېسىرلار، تول ئاياللار بار. سوتچىلار، تەپتىشلەر!

ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مۇھاجىردۇر.

مۇھاجىرلارنىڭ ھەققى بار.

مۇھاجىرلارنىڭ ھەققىنى كۆزدە تۇتۇڭلار!

پەيغەمبىرىمىز ھەم مۇھاجىر بولغان — ئۇنتۇماڭلار!

پەيغەمبىرىمىز مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندا، مەدىنە خەلقى، مۇھاجىر پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بىلەن نانلىرىنى، ئاشلىرىنى، مال-مۈلكىنى بۆلۈشىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەن.

سىياسەتچىلەر!

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىڭلار.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاقتىنى كەچۈرمەي تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىشى كېرەك.

تۈركىيە مۇسۇلمان تۈرك يۇرتىدۇر.

تۈركىيەنىڭ نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ SOS جىددى سىگنالى بېرىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيەدىن كېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى توختىتىڭلار.

ئەكسىچە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىش كېرەك.

ئۇلار تۈركىيەگە نوپۇس جەھەتتە ھايات سۈيى بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭلار، كۆڭلىنى ئاغرىتماڭلار!

مۇھاجىرنىڭ، مەزلۇمنىڭ كۆڭلىنى سۇندۈرۈش ياراشمايدۇ.

مەزلۇم بىلەن ئاللاھ تەئالا ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە يوق.

بۇنى ئۇنتۇماڭلار.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى،

ئاراقاندىكى مەزلۇم خەلقنى،

غەززە ۋە ئافرىقىدىكى مەزلۇملارنى ئۇنتۇماڭلار!

ئۈممەتنىڭ ئۈمىدى،

مەزلۇملارنىڭ ئۈمىدى —

تۈركىيە ۋە ئەزىز مىللىتىمىزدۇر.

تۈركىيە بۈيۈك دۆلەتتۇر.

مىللىتىمىز غەيرەتلىك ۋە ئىنسانپەرۋەردۇر.

بۇنىڭغا تارىخ شاھىت.

بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ.

رامىزان شەرىپ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە بولسۇن!

دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز قىيامەتكىچە بار بولسۇن.

ۋەسسالام.

زورنالىست خالىس ئۆزدەمىر

 

 

Avatar
Adınız
Yorum Gönder
Kalan Karakter:
Yorumunuz onaylanmak üzere yöneticiye iletilmiştir.×
Dikkat! Suç teşkil edecek, yasadışı, tehditkar, rahatsız edici, hakaret ve küfür içeren, aşağılayıcı, küçük düşürücü, kaba, müstehcen, ahlaka aykırı, kişilik haklarına zarar verici ya da benzeri niteliklerde içeriklerden doğan her türlü mali, hukuki, cezai, idari sorumluluk içeriği gönderen Üye/Üyeler’e aittir.
150